ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • ياردەم سورىغۇچىلار سەمىگە - [ياردەم سوراش ئورنى]

    بلوگگېر دوستلارنىڭ بلوگ ھەققىدە ياردەم سورىغان سۇئاللىرىنىڭ بىر يەرگە مەركەزلىشىشى ھەم ئوخشاش سۇئال ۋە جاۋابنىڭ قايتا-قايتا تەكرارلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بلوگگېر دوستلارنىڭ يولۇققان مەسىلىلەرنى تىز ھەل قىلىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىدىم. بلوگگېر دوستلارنىڭ ئىلگىرى سورىغان بىر قىسىم مۇھىم ياردەم سۇئاللىرى ھەم ئۇنىڭ جاۋابلىرىنى بۇ تېما ئاستىغا بىر-بىرلەپ يۆتكەپ كېلىمەن. بلوگگېر دوستلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق مەزمۇندىكى ئىنكاسلارنى يازغاندا، ئىنكاسنى ماس كەلگەن تېما ئاستىغا يوللىشىنى، ئەگەر ئىنكاسقا ماس كېلىدىغان تېمىنى تاپالمىغاندا، ئىنكاسنى مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تېما مەزمۇنى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىنكاسلار  بۇنىڭدىن كېيىن بىردەك ئۆچۈرۈلىدۇ ھەم جاۋاب بېرىلمەيدۇ. مېنىڭ بۇنداق دىيىشىمنىڭ سەۋەبىنى بىر قىسىم سەزگۈر بلوگگېرلار ئاللىقاچان بىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئوخشاش بىر تېما ئاستىدىمۇ ئاللىقاچان جاۋاب بېرىلىپ بولغان سۇئالنى قايتا سورايدىغان، تېما مەزمۇنىنى ئوقۇپلا، ئاستىدىكى ئىنكاسلار ۋە جاۋابلارنى ئوقۇمايدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ. ئوخشىمىغان تېما ئاستىدا ئوخشاش سۇئال سوراش ئەھۋالىنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق.  شۇڭا يۇقۇرقىدەك ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ، بلوگگېر دوستلارنىڭ بۇنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە لېكسىيە - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]

    بۇ ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابىدە خانىمنىڭ پوسكام نېفىتلىكىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا سۆزلىگەن «پەرزەنت تەربىيىسى» ھەققىدىكى لېكسىيىسى بولۇپ، پەرزەنت تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر قېتىم ئاڭلاپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ. بۇ لېكسىيە توپ-توغرا 90 مىنۇتتا تۈگەيدۇ. سەۋرىچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ.

  • بىز دائىم بىر قىسىم ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەرنى MathType 6.0 (خەنزۇچە نامى 数学公式编辑器) ياكى Microsoft公式3.0 دىن پايدىلىنىپ كىرگۈزىمىز. بولۇپمۇ ماتېماتىكىلىق بەلگىلەرنى كىرگۈزۈشتە بۇ قوراللارنىڭ رولى ناھايىتى زور.

    بەزىدە بىز مۇنداق بىر ئەھۋالغا يولۇقىمىز:  يەنى، ئۆزىمىزنىڭ كومپىيۇتېرىدا يېزىپ تەييارلىغان ھۆججەتنى باشقا بىر كومپىيۇتېردا ئېچىپ كۆرسەك، يۇقىرىقى قوراللارنىڭ ياردىمىدە يېزىلغان بىر قىسىم ھەرپ-بەلگىلەر قالايمىقان بەلگىلەرگە ئۆزگىرىپ قالغان ۋە ياكى كاتەكچە بولۇپ كۆرۈنۈۋالىدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىمىز. ھەتتا بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ كومپىيۇتېرىدا مۇشۇ قوراللاردىن پايدىلىنىپ بەزى ھەرپ-بەلگىلەرنى كىرگۈزمەكچى بولساق، MT Extra(TrueType) ناملىق بىر خەت نۇسقىسىنى قاچىلاش ھەققىدىكى ئۇچۇر چىقىۋالىدىغان ھەمدە بىز كىرگۈزمەكچى بولغان  بەلگىلەرنىڭ ئورنىغا باشقا بەلگىلەر چىقىۋالىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

    خەتكۈچ:
  • ئىمتىھاندا مانداق كۆچۈرىمىز - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]

    ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش ناھايىتى نومۇسلۇق ئىش. تۆۋەندىكى قىسقا فىلىمنى كۆرۈپ قاندق ھىسسىياتقا كەلدىڭىز؟ قېنى دوستۇم سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ بېقىڭ.

  • لوگىكا ۋە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى توغرىسىدا (6) - [لوگىكا ھەققىدە]

    (3) ئابىستراكىتلاش ۋە يىغىنچاقلاش

    ئابىستراكىتلاش تەپەككۈردە ئوبىكىتنىڭ پەقەت ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىلا پەرقلەندۈرۈپ، قالغان غەيرى ماھىيەتلىك، مۇھىم بولمىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى ئايرىۋېتىدىغان ئۇسۇلدۇر.

    ئابىستراكىتلاش نەتىجىسى ئابىستراكىتسىيىلەشتۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ.

    يىغىنچاقلاش تەپەككۈردە بىر خىل تۈردىكى ئوبىكىتلارنىڭ ئورتاق ماھىيەتلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي تۈردىكى خۇسۇسىيەتلەر قىلىپ بىرلەشتۈرۈشتۇر.

    ئابىستراكىتلاش ۋە يىغىنچاقلاش ـــ بىر پۈتۈن ئايرىغىلى بولمايدىغان جەريان. ئوبىكىتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئايرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە ئوبىكىتنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىمىز.

  • ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت - [ھېكايە-شېئىرلار]

    ئوقۇتقۇچى ……

    ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،

    بولدۇممۇ تارتىمەن جاپا-مۇشەققەت.

    لېكىن ئىستىكىم، ئارزۇيۇم شۇكى:

    ئوقۇغۇچى بولۇپ بىر ئۆمۈر –

    ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلىشىدە،

    بىلىم بېغىنى كەزسەم تا ئەبەت.

  • ئوقۇتقۇچى ـــ ھۆرمەتلىك نام. شۇڭىمۇ بۇ نام توغرىسىدا مەدھىيە يازمىغان، ھېكمەت پۈتمىگەن مۇتەپەككۇرلار بولمىسا كېرەك. چۈنكى ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل! ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمىننى يورۇتقۇچى قۇياش! مىللەتنىڭ باغۋىنى، دۆلەتنىڭ مۇرەببى. «ئىنسانىيەت روھىنىڭ ئىنجىنېرى»!

  • بۇ Flash تا ئىشلەنگەن دەرسلىك بولۇپ، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تەڭ ئايرىمىلىق ۋە تەڭ نىسبەتلىك سانلار ئارقىمۇ ئارقىلىقىنىڭ ئومۇمىي ئەزا فورمۇلىسىنى تېپىش ئۇسۇلى چۈشەندۈرۈلگەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا ياخشى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولالايدۇ.

  • لوگىكا ۋە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى توغرىسىدا (5) - [لوگىكا ھەققىدە]

    تەھلىل قىلىش ـــ ئىدىيىدە بىر جىسىم ياكى بىرەر ئوبىكىتنى پارچىلاپ، ئۇنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرى، ئالاھىدىلىكىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئايرىپ چىقىشتىن ئىبارەت.

    ئومۇملاشتۇرۇش ـــ ئىدىيىدە ئوبىكىتنىڭ ھەر قايسى تەشكىل قىلغۇچى بۆلەكلىرىنى، ئالاھىدىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

    تەھلىل قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئەڭ دەسلىۋىدە ئەمەلىي پائالىيەت جەريانىدا يۈز بېرىدۇ. شۇنداقلا ئەمەلىي پائالىيەت ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدۇ.

  • 巨星MTV2002 نى قاچىلاش دەرسلىكى - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    بۇ 巨星MTV2002 نى قاچىلاش دەرسلىكى بولۇپ، قاچىلاش ئۇسۇلى ئىنتايىن تەپسىلى سۆزلەنگەن. بىراق تىلى خەنزۇچە. خەنزۇ تىلىدىن ئانچە مۇنچە ساۋادى بارلىكى ئادەم كۆرۈپ چۈشىنەلەيدۇ.

  • ئىنكاسقا باش سۈرەت چىقىرىش ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    تۆۋەندىكى كودنى بلوگنىڭ ئۇسلۇپ تەھرىرلەش ئورنىدىكى Head ھوججىتىنىڭ ئەڭ ئاستىغا چاپلىسىڭىز بولىدۇ. جەمئىي 10 خىل باش سۈرەت تەمىنلەنگەن بولۇپ، 5 ى ئەرلەرنىڭ، قالغان 5 ى ئاياللارنىڭ باش سۈرىتى. ئىنكاس يازىدىغان چاغدا ئۆزىڭىزنىڭ جىنسىغا ئاساسەن مۇۋاپىق كېلىدىغان باش سۈرەتنى تاللاپ ئىنكاس يازسىڭىز بولىدۇ.

  • فونكسىيە گرافىكىنىڭ ئۆزگىرىشى - [دەرسلىك چۈشۈرۈش]

    بۇ Flash تا ياسالغان 3 پارچە دەرسلىك پىلاستىنكىسى بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسلىكىدىكى فۇنكسىيەنىڭ جۈپ-تاقلىقى، سىممىتىرىكلىكى، ئۇزارتىش-قىسقارتىش ئالماشتۇرۇشى ھەققىدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  • بلوگ ئاپتۇبۇسىدا ئويناپ يۈرگەنلەرگە مەلۇمكى، بلوگبۇستا خالىغان بىر تېمىنى ئاچساق، ئىنكاس يوللاش رايۇنىدا ئاۋال ‹‹تىزىملىتىپ ئىنكاس يېزىش›› ئورنى كۆرۈنىدۇ. ‹‹نامسىز ئىنكاس يېزىش›› دېگەن خەتنى مائۇس بىلەن چەكسەك، ئاندىن بلوگبۇس ئابونتى بولمىغانلارمۇ ئىنكاس يازالايدىغان ھالەتكە ئۆتىدۇ.

    بۇ بلوگبۇسنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىۋاتقانلار ۋە بلوگبۇس بىلەن ئانچە تونۇشلۇقى بولمىغانلارنىڭ ئىنكاس يېزىشىغا زور قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

    خەتكۈچ:بلوگ 博客 Code 代码
  • فۇنكسىيەنىڭ تاق-جۈپلىكى - [دەرسلىك چۈشۈرۈش]

    بۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسلىكىدىكى ‹‹فۇنكسىيەنىڭ تاق-جۈپلىكى›› دېگەن دەرسنىڭ Flash تا ئىشلەنگەن دەرسلىك ماتېرىيالى.

  • توپلام ئۈستىدە ئەمەللەر - [دەرسلىك چۈشۈرۈش]

    بۇ تولۇق ئوتتۇرا ماتېماتىكا دەرسلىكىدىكى كېسىشمە توپلام، بىرىكمە توپلام، تولدۇرغۇچى توپلام ھەققىدىكى Flash تا ئىشلەنگەن دەرسلىك ماتېرىيالى بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا ياخشى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولالايدۇ.

  • توپلام (1-سائەتلىك دەرس) - [دەرسلىك چۈشۈرۈش]

    بۇ تولۇق ئوتتۇرا ماتېماتىكا دەرسلىكىدىكى ‹‹توپلام›› دېگەن دەرسنىڭ Flash تا ئىشلەنگەن دەرسلىك ماتېرىيالى (课件). ئىلگىرى توردىن چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويغان ئىدىم. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئاز تولا ياردىمى تىگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.