ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • ئىنكاسقا باش سۈرەت چىقىرىش ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    تۆۋەندىكى كودنى بلوگنىڭ ئۇسلۇپ تەھرىرلەش ئورنىدىكى Head ھوججىتىنىڭ ئەڭ ئاستىغا چاپلىسىڭىز بولىدۇ. جەمئىي 10 خىل باش سۈرەت تەمىنلەنگەن بولۇپ، 5 ى ئەرلەرنىڭ، قالغان 5 ى ئاياللارنىڭ باش سۈرىتى. ئىنكاس يازىدىغان چاغدا ئۆزىڭىزنىڭ جىنسىغا ئاساسەن مۇۋاپىق كېلىدىغان باش سۈرەتنى تاللاپ ئىنكاس يازسىڭىز بولىدۇ.

  • بلوگ ئاپتۇبۇسىدا ئويناپ يۈرگەنلەرگە مەلۇمكى، بلوگبۇستا خالىغان بىر تېمىنى ئاچساق، ئىنكاس يوللاش رايۇنىدا ئاۋال ‹‹تىزىملىتىپ ئىنكاس يېزىش›› ئورنى كۆرۈنىدۇ. ‹‹نامسىز ئىنكاس يېزىش›› دېگەن خەتنى مائۇس بىلەن چەكسەك، ئاندىن بلوگبۇس ئابونتى بولمىغانلارمۇ ئىنكاس يازالايدىغان ھالەتكە ئۆتىدۇ.

    بۇ بلوگبۇسنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىۋاتقانلار ۋە بلوگبۇس بىلەن ئانچە تونۇشلۇقى بولمىغانلارنىڭ ئىنكاس يېزىشىغا زور قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

    خەتكۈچ:بلوگ 博客 Code 代码
  • كۇنۇپكا شەكىللىك سەھىپە تىزىملىكى چىقىرىش كودى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    بۇ كود بلوگبۇستىكى سەھىپىلەرنى كۇنۇپكا شەكىلدە تۆۋەندىكى رەسىمدىكى شەكىلدىكىدەك كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

    كود ئارىسىدىكى ئادرىس ۋە سەھىپە ناملىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىدىكى سەھىپە نامى ۋە ئۇنىڭغا ماس ئادرىسقا ئالماشتۇرىۋالسىڭىزلا بولىدۇ.

    خەتكۈچ:بلوگ 博客 代码 Code
  • ئۆزئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان تور بېكەت ۋە بلوگلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دوستانە ئۇلىنىش تىزىملىكى بەك ئۇزىراپ كېتىپ، بلوگنىڭ كۆركەملىكىگە تەسىر يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بەزى بلوگلار ئاقما خەت كودىدىن پايدىلىنىپ (مەسىلەن، بلوگىمنىڭ باش بېتىنىڭ سول تەرىپىدىكى «خەتلىك ئۇلىنىشلار» دىگەن يەرگە قاراڭ)، دوستانە ئۇلىنىش تىزىملىكىنى ئىخچام كۆرسىتىش مەقسىدىگە يەتتى. بىراق بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ كەمچىلىكى شۇكى، ئۈستى (ياكى ئاستى) تەرەپكە كىرىپ كەتكەن بلوگلارنىڭ تىزىملىكىنى قايتا كۆرۈش ئۈچۈن بىرەر مىنۇت ئەتراپىدا ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ بىر خىل ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن ئىبارەت.

    يەنە بەزى بلوگلار ئايرىم ئۇلىنىش بېتى ياساپ ئېلان قىلدى. بۇ گەرچە بىر ياخشى ئىش بولسىمۇ، بىراق كۆپىنچە زىيارەتچىلەر بلوگلىرىمىزنىڭ باش بېتىنى كۆپرەك زىيارەت قىلىدۇ ھەم باش بەتتىكى ئۇلىنىش تىزىملىكىدە بار بولغان تور بېكەت ۋە بلوگلارنى جىقراق يوقلىغان بولسىمۇ، قوشۇمچە بەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بلوگلارنىڭ ھال ئەھۋالىنى سورايدىغانلار ئانچە كۆپ بولمىدى. 

    خەتكۈچ:بلوگ 博客 代码 Code
  • بلوگبۇس تولۇق تەرجىمە قىلىندى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    نەچچە كۈندىن بېرى قايتا-قايتا جېدەللىشىش ئارقىلىق، تېخىچە تەرجىمە قىلىنماي قېپ قالغان بلوگبۇس يۈزىدىكى بارلىق خەنزۇچە خەتلەرنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. ، دىگەن ئىككى خەت بلوگبۇستىكى modBody (يەنى كالېندار قىسمىدا)، postHeader (يەنى بارلىق يازمىلار بېتىدىكى بلوگ نامىنىڭ كەينىدە) ۋە postFooter (يەنى بارلىق يازمىلار بېتىدىكى يوللىغان ۋاقىت دىگەن خەتنىڭ كەينىدە) قاتارلىق ئۈچ جايدا بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەرجىمىسى بىر بىرىگە توقۇنۇشۇپ قېلىپ، تەرجىمە ھۆججىتى ئايرىم-ئايرىم 3 بۆلەككە بۆلۈنۈپ كەتتى.

    خەتكۈچ:بلوگ 博客 代码 Code
  • 2009-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى «دۇنياقارا» بلوگىدا «بلوگدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش» دىگەن تېما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم بلوگلار بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، بلوگىدىكى تېمىلارنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىپ، ئۆز بلوگىدىكى قايسى مەزمۇندىكى تېمىلارنىڭ تورداشلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئاسانلا بىلىۋالىدىغان بولدى ھەمدە بۇ ئارقىلىق بلوگىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بىكىتىپ، قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدىلا خېلى داڭلىق بلوگلاردىن بولۇپ قالدى. بىراق «يازاي» بلوگىدىكى «بلوگدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش كودىنى ئىشلەتكەنلەر سەمىگە» دىگەن تېمىدا دىيىلگەندەك، بلوگدا گوگىل، ئالىماما قاتارلىقلارنىڭ ئېلانىنى قويىۋالغانلار «بلوگدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش» نىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلمىدۇق.

  • بلوگبۇس تەرجىمە ھۆججىتىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىلاڭ - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    مەن 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى «بلوگبۇس تەرجىمە ھۆججىتىڭىزنى يەنە يېڭىلاڭ» دىگەن تېمىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە كۆپىنچە بلوگگېرلار  مۇشۇ تېمىدا تەمىنلەنگەن كودتىن پايدىلىنىپ بلوگىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق بۇ كود ئارقىلىق

    登录为،   退出،   历史上的今天

    ھەمدە بلوگبۇس ئۆزى تەمىنلىگەن كالېندار، شۇنداقلا ئىنكاس رايۇنىدىكى 评论分页 قاتارلىق بىر قىسىم خەنزۇچە خەتلەر يەنىلا تەرجىمە قىلىنماي قېلىپ قالغان ئىدى. بۇ قېتىم

    登录为،   退出،   历史上的今天

    ھەمدە بلوگبۇس ئۆزى تەمىنلىگەن كالېندار قاتارلىقلار تولۇق تەرجىمە قىلىندى. ئەمدى يەنە بۇرۇنقىدەك بلوگبۇس ئۆزى تەمىنلىگەن كالېندارنى يۇشۇرۇپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق. (ئۈنۈمىنى بلوگىمدىن كۆرۈڭ).

  • ئارقا سەھنىگە تىزىملىتىپ كىرىش رامكىسى

    بلوگگېر دوستلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، 2009-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى «ئارقا سەھنىگە تىزىملىتىپ كىرىش رامكىسى چىقىرىش كودى» دىگەن تېمىنى يوللىغان ئىدىم. (تەپسىلاتىنى يۇقۇرقى ئۇلىنىش ئارقىلىق كىرىپ كۆرۈڭ). بۇ تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، بلوگگېر دوستلار خېلى قولايلىقلارغا ئېرىشكەن ئىدى. بلوگبۇس مۇلازىمەت سۇپىسىدىكى بەزىبىر ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن بۇ كود ئۈنۈمىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇقۇرقى تېمىدا تەمىنلەنگەن كودتىكى ئۆزگىرىش بولغان جايلارنى توغرىلاپ قايتا ئېلان قىلدىم.

  • بلوگ بىزەشتىكى يەنە بىر ھۈنەر - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    سورىغان بىلىم ئالار، ئۇيالغان كىيىن قالار!  بلوگىمغا پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ، بىلمىگەننى تارتىنماي سوراڭ!

     

    بلوگىمنىڭ باش بېتىدىكى ھەر بىر تېمىنىڭ ئاستىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان يۇقۇرىدىكى خەتكە دىققەت قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن. بۇنى تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق چىقىرىشقا بولىدۇ:

    خەتكۈچ:
  • تارىم بلوگىنىڭ PR قىممىتى 3 كە چىقتى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    ئىلگىرى بلوگىمنىڭ PR قىممىتىنى كۆرسىتىش كودىنى http://www.webmasterhome.cn  دىن ئالغان ئىدىم. تۈنۈگۈنگىچە بلوگىمنىڭ PR قىممىتى بلوگىمدا 2 دەپ كۆرۈنىۋاتاتتى. بۈگۈندىن باشلاپ بلوگىمنىڭ PR قىممىتى 3 كە ئۆرلەپتۇ. بىراق بلوگىمدا 0 دەپ كۆرۈنىدىغان بولىۋالدى. يۇقۇرقى بەتكە كىرىپ تەكشۈرسەم 3 دەپ چىقىدۇ، كودنى قايتا ئېلىپ بلوگىمغا قويۇپمۇ باقتىم، يەنىلا شۇ 0 دىگەن كاساپەت گۆشىيىپ قاراپلا تۇرىدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن PR قىممىتىنى كۆرسىتىش كودى بىلەن تەمىنلەيدىغان باشقا تور بېكەتلەردىن كود ئېلىپ بلوگىمغا قويۇپ باقسام بولمامدۇ دىگەن خىيال بىلەن

    خەتكۈچ:PageRank
  • بىلوگبۇس تەرجىمە ھۆججىتىڭىزنى يەنە يېڭىلاڭ - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    بلوگبۇستا ھازىرغىچە يەنە تەرجىمە قىلىنمىغان جايلاردىن

    进入后台  ,   写新日志 , 文章管理 , 评论管理 , 更换模板 , 访问统计 , 什么是RSS, 回复 , , 登陆为 , 退出

    قاتارلىق 11 دانە خەت قالغان ئىدى.  ئىلگىرى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى 6 دانە خەتنى باشقىچە ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتكەن ئىدۇق. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى تېمىلارنى كۆرسىڭىز بولىدۇ:

    http://tarim68.blogbus.com/logs/29867419.html

    http://bizning.blogbus.com/logs/34289862.html

    بۇ قېتىم

    进入后台  ,   写新日志 , 文章管理 , 评论管理 , 更换模板 , 访问统计 , 什么是RSS, 回复 ,

    قاتارلىق 9 خەتنى تەرجىمە قىلىش كودى بىۋاستە تەرجىمە ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە قوشۇلدى. ئەمدى بلوگبۇسنىڭ ئۆزىدە بار بولغان باشقۇرۇش تىزىملىكىنى بۇرۇنقىدەك يۇشۇرۇپ قويمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمدىكى گەپ پەقەت

     登陆为 , 退出

    قاتارلىق 2 خەتنى تەرجىمە قىلىشتىلا قالدى.

  • تورداشلار بلوگىمنىڭ ئوڭ تەرەپ يان بۆلىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە دىققەت قىلدىمىكىن؟ تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان جايغا قاراڭ:

  • بلوگدىكى ئۇلانمىلارنى يۇرۇتۇش ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    دوستلار دىققەت قىلدىمىكىن، بلوگىمدىكى تېما ماۋزۇسى، ئىنكاس، تور بەت ئۇلىنىشلىرى قاتارلىق ئۇلترا ئۇلىنىش قىلىنغان ھەر قانداق بىر خەتنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئېلىپ كەلسەك، خەت ھەر خىل رەڭدە پىلدىرلاپ يۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق ئەمەلگە ...

  • مەن ئىلگىرى «بىلىك، ئىنتىل، شەبنەم، دىيارىم ۋە ئىزدىنىشتىكى يېڭى تېمىلارنى بلوگدا كۆرسىتىش» دىگەن تېمىنى يوللىغان ئىدىم. يېقىندىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يۇقۇرقى تېمىدا تەمىنلەنگەن كود ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. مەسىلەن: ئىزدىنىشنىڭ تېمىلىرى كۆرۈنمەيدىغان، ئىنتىلنىڭ كونا سەيناسىنىڭ تېمىلىرى كۆرۈنىۋالىدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا بۇ قېتىم تېخىمۇ كۆپ مۇنبەرلەرنىڭ يېڭى تېمىلىرىنى كۆرسىتىش كودىنى تەمىنلىدىم. تورداشلار ئۆزى خالىغان مۇنبەرنىڭ كودىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

  • بلوگبۇس تەرجىمە ھۆججىتىنى يېڭىلىۋېلىڭ - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    يېقىندا بلوگبۇسنىڭ ئىنكاس يېزىش رايۇنىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى. نەتىجىدە ئاساسەن ئۇيغۇرچىلىشىپ بولغان بلوگبۇستا يېڭىدىن يەنە

    用户名, 密码, 匿名评论, 登陆后评论, 登陆为, 退出

    قاتارلىق 6 دانە خەنزۇچە سۆز پەيدا بولدى. بۇلاردىن

    用户名, 密码, 匿名评论, 登陆后评论

    قاتارلىق 4 سۆزنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بولساممۇ، بىراق قالغان 2 سۆزگە ھازىرچە ئامال تاپالمىدىم. باشقا بلوگگىر دوستلارنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر تەرجىمە قىلىنغان 4 سۆزنى قوشۇپ، تەرجىمە ھۆججىتىنى قايتا ئېلان قىلدىم.